«يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفى فىقھىسى» ناملىق بۇ كىتاب، دىنىي ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ دىنىي چۈشەنچە ۋە مېتودلىرىغا كۆرە ئورۇندايدىغان خەلقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خەلقىمىز ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كۆرسەتملىرىگە ئاساسەن دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نىسبەتەن تولۇق شەكىلدە يېزىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە فىقھى كىتابى يوق ئىدى. جانابى ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە خەلقىمىزنىڭ دۇئاسى سايىسىدا ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى بۇ كىتابنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقاردى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 5 توم، كىتابنىڭ 1- قىسمى: ئىبادەتكە دائىر مەسىلىلەر. 2-قىسمى: كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 3-قىسمى: قانۇن ۋە ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 4-قىسمى: مۇئامىلە ۋە ئېلىم-بېرىمگە ئائىت مەسىلىلەر. 5-قىسمى: تۇرمۇشتا كۆپ ئۈچرايدىغان ھەر-تۇرلىك فىقھى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
Author: شەيخ ئابدۇلھەمىد مەھمۇد تاھماز
Reveiwers: ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
Translators: مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
«بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى» ناملىق بۇ ئەسەردە، كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئومۇملىشىپ كەتكەن، دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان، ئىبادەت ۋەياكى ساۋاپ بولىدۇ دېگەن ئۇقۇم بىلەن، جەمئىيىتىمىزدە بۇگۇنكى قەدەر داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بەزى بىر مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى بەزى بىر ناشايان ئىشلارغا شەرىئەتنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىغىمۇ يەر بېرىلگەن. ئىسلامدا سۈننەتنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمېيىتى قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.
Author: قارچۇغا
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: http://www.munber.org
«قۇرئان كەرىمدىن ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ تەپسىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھازىرگە قەدەر 22خىل تىلدا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى ۋە ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالدى. بۇ كىتاپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. كىتاب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 1-قىسمى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ قىسقىچە تەپسىرى شەيخ مۇھەممەد ئەلئەشقەرنىڭ «زۇبدەتۇل تەپسىر» ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىنغان. 2-قىسمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئەھكاملار، ئەقىدىدىن سوئال -جاۋابلار، تەۋھىد توغرىسىدا دىئالوگ، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، دۇئا ۋە زىكىرلەر، پەزىلەتلىك ئەمەللەر، ئىسلامدا چەكلەنگەن ئىشلار، تاھارەت ۋە ناماز قائىدىلىرى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان دىنىمىزدىكى مۇھىم ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاب دىنى ئەھكاملارنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
Author: بىر گورۇپ ئالىملار
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - مۆمىن جان
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.tafseer.info
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى» ناملىق بۇ ئەسەردە، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا تاپشۇرۇلغان ئامانەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنى ساغلام يېتەكچى بولالايدىغان ئىسلام تەربىيەسىدىن ئىبارەت، بۇ بۈيۈك يېتەكچى بىلەن تەربىيىلەش كېرەكلىكى، شۇنداق قىلغىنىمىزدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە تەۋرەنمەس ئۈل ھازىرلىغان بولىدىغانلىقىمىز ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلغان بولىدىغانلىقىمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
Author: مۇھەممەد نۇرئبنى ئابدۇلھەپىز سۇۋەيد
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەھمان
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
«دىنىمنى ئۆگۇنىمەن» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەر سۇرەتلىك كىتاپ بولۇپ، بالىلار تىلى بىلەن ياش ئوسمۇرلەرنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى چۇشەنچىسىنى يىتەكلەشتە تۈرتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى.بۇ كىتاپ 2 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،1-قىسمىدا، ئىماننىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا تەپسىلى ۋە قىزىقارلىق ھىكايىلەر، سوئال-جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن ئوسمۇرلەر چۇشەنچىسىگە ماس ھالدا بايان قىلىنىدۇ.2- قىسمىدا، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئوسمۇرلەرگە تەلىم بىرىش مۇھىم دەپ قارالغان دىنى ئەھكاملارنى سوئال-جاۋاپ شەكلىدە ۋە قىزىقارلىق بالىلار ھىكايىلىرى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.
Author: مۇرشىدە ئۇيسال خانىم
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئا.مەجىد
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
مەشھۇر مۇپەسسىر ئىبنى كەسىر تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ھەممە جەھەتتىكى ساغلاملىقى، مۆتېدىللىقى ۋە ئاممىيبابلىقى بىلەن نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان نادىر ئەسەر «قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر» «ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى» تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 6 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى، ھەجمى ئەڭ چوڭ ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
Author: ئىمام ئىسمائېل ئىبنى ئومەر ئىبنى كەسىر
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - مۆمىن جان - ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ - مۇھەممەد ئۆمەر - مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى - يۇسۇپ قارى - ئابدۇلھەمىد قاراجىم
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org